×
الرعدئايەت 32

مۇختەسەر تەفسىر

وَلَقَدِ ٱسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ ﴿٣٢﴾

ئەي پەيغەمبەر! سەن قەۋمىنىڭ ئىنكار قىلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلاتتى ۋە يالغانغا چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا مۆھلەت بەرسەم، ئۇلار مېنى ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىۋەتمەيدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتى. ئاندىن مەن ئۇلارغا بىر مەزگىل مۆھلەت بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنى تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدىم. ئۇلارنى قانداق ئازابلىغانلىقىمنى كۆردۈڭغۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئازاب ئىدى.