×
الإسراءئايەت 101

مۇختەسەر تەفسىر

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ ۖ فَسْـَٔلْ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ إِذْ جَآءَهُمْ فَقَالَ لَهُۥ فِرْعَوْنُ إِنِّى لَأَظُنُّكَ يَـٰمُوسَىٰ مَسْحُورًا ﴿١٠١﴾

ھەقىقەتەن بىز مۇساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە شاھىت بولىدىغان روشەن توققۇز دەلىل ئاتا قىلدۇق، بۇ دەلىللەر: ھاسا، نۇرلۇق قول، قەھەتچىلىك يىللىرى، مېۋىلەرنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، توپان، چېكەتكە، پىت، پاقا ۋە قاندىن ئىبارەت. ئەي پەيغەمبەر! يەھۇدىيلاردىن سوراپ باققىن: مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاشۇ مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندە پىرئەۋن ئۇنىڭغا: ئى مۇسا! سەن بىزگە يوچۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئەلۋەتتە مەن سېنى سېھىرگەرمىكىن دەپ ئويلايمەن، دېدى.