مۇختەسەر تەفسىر
قُلِ ٱدْعُوا۟ ٱللَّهَ أَوِ ٱدْعُوا۟ ٱلرَّحْمَـٰنَ ۖ أَيًّا مَّا تَدْعُوا۟ فَلَهُ ٱلْأَسْمَآءُ ٱلْحُسْنَىٰ ۚ وَلَا تَجْهَرْ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتْ بِهَا وَٱبْتَغِ بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا ﴿١١٠﴾
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ «ئەي ئاللاھ! ئەي راھمان!» دەپ دۇئا قىلىشىڭنى ياقتۇرمىغانلارغا ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ۋە راھمان» ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى ئىسمى بولۇپ، مەن مۇشۇ ئىككى ئىسىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىملاردىن قايسىسى بىلەن دۇئا قىلسام بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار. بۇ ئىككىسىمۇ شۇ ئىسىملارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھنى مۇشۇ ئىككى ئىسىم بىلەن ياكى بۇنىڭدىن باشقا ئىسىملار بىلەن چاقىرساڭلار بولىدۇ. نامىزىڭدا قىرائەتنى بەك يۇقىرى ئاۋازدا قىلمىغىن، بولمىسا مۇشرىكلار ئاڭلاپ قالىدۇ. بەك پەسمۇ قىلمىغىن، بولمىسا مۇئمىنلەر ئاڭلىيالماي قالىدۇ. بۇ ئىككى ئەھۋال ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتقىن.