×
الإسراءئايەت 60

مۇختەسەر تەفسىر

وَإِذْ قُلْنَا لَكَ إِنَّ رَبَّكَ أَحَاطَ بِٱلنَّاسِ ۚ وَمَا جَعَلْنَا ٱلرُّءْيَا ٱلَّتِىٓ أَرَيْنَـٰكَ إِلَّا فِتْنَةً لِّلنَّاسِ وَٱلشَّجَرَةَ ٱلْمَلْعُونَةَ فِى ٱلْقُرْءَانِ ۚ وَنُخَوِّفُهُمْ فَمَا يَزِيدُهُمْ إِلَّا طُغْيَـٰنًا كَبِيرًا ﴿٦٠﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا: پەرۋەردىگارىڭنىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى تولۇق قورشاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاللاھ سېنى ئۇلاردىن قوغدايدۇ. شۇڭا سەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزگىن، دېدۇق. مىراج كېچىسى بىز ساڭا كۆرسەتكەن ئىشلارنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. بىز قۇرئان كەرىمدە جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان زەققۇم دەرىخىنىمۇ پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە ئىشەنمىگەن يەردە بۇنىڭدىن باشقا مۆجىزىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. بىز مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتىمىز. لېكىن ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن نازىل قىلغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىدۇ.