مۇختەسەر تەفسىر
وَيَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلرُّوحِ ۖ قُلِ ٱلرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّى وَمَآ أُوتِيتُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا ﴿٨٥﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا سورىشىدۇ. ئۇلارغا: روھنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەرگە ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا بېرىلگەن ئىلىم ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن پەقەت ئازغىنە نەرسىدۇر.