×
الإسراءئايەت 93

مۇختەسەر تەفسىر

أَوْ يَكُونَ لَكَ بَيْتٌ مِّن زُخْرُفٍ أَوْ تَرْقَىٰ فِى ٱلسَّمَآءِ وَلَن نُّؤْمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيْنَا كِتَـٰبًا نَّقْرَؤُهُۥ ۗ قُلْ سُبْحَانَ رَبِّى هَلْ كُنتُ إِلَّا بَشَرًا رَّسُولًا ﴿٩٣﴾

ياكى سېنىڭ ئالتۇن ۋە باشقا بېزەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن ئاسمانغا چىقىپ، تاكى ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان ۋە بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتاب ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: مېنىڭ رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، خالىغان بىر ئىشنى قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇندىيالايمەن؟ دېگىن.