×
الإسراءئايەت 98

مۇختەسەر تەفسىر

ذَٰلِكَ جَزَآؤُهُم بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَقَالُوٓا۟ أَءِذَا كُنَّا عِظَـٰمًا وَرُفَـٰتًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ خَلْقًا جَدِيدًا ﴿٩٨﴾

ئۇلار دۇچار بولغان ئازاب ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ، پارچە - پارچە بولۇپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە تىرىلىپ يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن بېرىلگەن جازادۇر.