×
البقرةئايەت 145

مۇختەسەر تەفسىر

وَلَئِنْ أَتَيْتَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ بِكُلِّ ءَايَةٍ مَّا تَبِعُوا۟ قِبْلَتَكَ ۚ وَمَآ أَنتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُم بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعْتَ أَهْوَآءَهُم مِّنۢ بَعْدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَّمِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ ﴿١٤٥﴾

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىتاب بېرىلگەن يەھۇدى ناسارالارغا قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ھۆججەت ۋە ئىسپاتلارنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن تەكەببۇرلۇق ۋە بۇيۇنتاۋلىق قىلغاچقا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئاللاھ چەكلىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارمۇ ھەم ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن ھەربىر پىرقە يەنە بىر پىرقىنى كاپىر دەپ قارايدۇ. ئەگەر سەن شەكسىز توغرا ئىلىم كەلگىنىدىن كېيىن قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈملەردە ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشلىرىغا ئەگەشسەڭ، ئۇ چاغدا سەن شۈبھىسىزكى ھىدايەتنى تەرك ئېتىپ، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك سەۋەبىدىن زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن. بۇ ئۇلارغا ئەگىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان خىتاب. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ خىل شەكىلدە خىتاب قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ساقلايتتى. دېمەك بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى ئۈممىتىگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.