×
البقرةئايەت 182

مۇختەسەر تەفسىر

فَمَنْ خَافَ مِن مُّوصٍ جَنَفًا أَوْ إِثْمًا فَأَصْلَحَ بَيْنَهُمْ فَلَآ إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ﴿١٨٢﴾

كىم ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ياكى ۋەسىيەتتە زۇلۇم قىلغانلىقىنى بىلىپ، نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى تۈزەپ قويسا ياكى ۋەسىيەت قىلغۇچى بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويغىنىغا كۆرە ئەجىر بېرىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.