×
البقرةئايەت 186

مۇختەسەر تەفسىر

وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِى عَنِّى فَإِنِّى قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ ٱلدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا۟ لِى وَلْيُؤْمِنُوا۟ بِى لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ ﴿١٨٦﴾

ئى پەيغەمبەر! مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مېنىڭ ئۇلارغا يېقىنلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە سورىسا، ھەقىقەتەن مەن ئۇلارغا يېقىندۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇرمەن، دۇئالىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇرمەن. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇئادا ئاۋازلىرىىنى كۆتۈرمەستىن، باشقىلارنى ۋاستە قىلماستىن ماڭا ئىخلاس قىلىپ دۇئا قىلسا، دۇئا قىلغۇچىنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇلار ماڭا ۋە مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنسۇن، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئىشلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمدا ئەڭ مەنپەئەتلىك ۋاستە بولۇپ قالىدۇ. ئېھتىمال ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولدا مېڭىشى مۇمكىن.