مۇختەسەر تەفسىر
وَٱلْمُطَلَّقَـٰتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَـٰثَةَ قُرُوٓءٍ ۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِىٓ أَرْحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤْمِنَّ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِى ذَٰلِكَ إِنْ أَرَادُوٓا۟ إِصْلَـٰحًا ۚ وَلَهُنَّ مِثْلُ ٱلَّذِى عَلَيْهِنَّ بِٱلْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ ﴿٢٢٨﴾
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە توي قىلماي كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېيتقان ئىمانىدا راستچىل بولسا ئۇلارنىڭ بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان ھامىلىنى يوشۇرىشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە تالاق قىلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن نىزالارنى تۈگىتىپ، يارىشىپ قېلىشىنى نىيەت قىلسا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە باشقىلارغا قارىغاندا ھەقلىقتۇر. ئۆرپ-ئادەتكە قارىتا ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى بولغىنىدەك ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدە ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى بولىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرۇش، تالاق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھدىن ئۈستۈن كېلەلمەيدۇ. ئۇ يولغا قويغان ھۆكۈملىرى ۋە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.