مۇختەسەر تەفسىر
فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُۥ مِنۢ بَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُۥ ۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَآ أَن يَتَرَاجَعَآ إِن ظَنَّآ أَن يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ ۗ وَتِلْكَ حُدُودُ ٱللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ ﴿٢٣٠﴾
ئەر خوتۇنىنى ئۈچىنجى قېتىم تالاق قىلسا، خوتۇن باشقا ئەرگە بىرىنجى ئېرىگە ھالال بولۇشنى مەقسەت قىلماستىن، شەرتلىرىنى تولۇقلىغان شەكىلدە نىكاھلىنىپ، نىكاھدىن كېيىن ئىككىنجى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن جىنسى ئالاقە قىلمىغۇچە بىرىنجى ئەرنىڭ ئۇنىڭغا قايتىدىن نىكاھلىنىشى ھالال بولمايدۇ. ئىككىنجى ئەر ئۇنى تالاق قىلغان بولسا ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئۇ بىرىنجى ئېرى بىلەن شەرئى ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالىغان ھالدا يېڭى مېھرى ۋە يېڭى نىكاھ بىلەن(ئىددەت توشقاندىن كىيىن) يېنىشىۋالغان بولسا ئۇلارغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ بۇلارنى ھۆكۈملىرىنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن بايان قىلىدۇ.