×
البقرةئايەت 63

مۇختەسەر تەفسىر

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُوا۟ مَآ ءَاتَيْنَـٰكُم بِقُوَّةٍ وَٱذْكُرُوا۟ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ ﴿٦٣﴾

سىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىش توغرىسىدا مۇكەممەل ۋەدە ئالغان ۋاقتىمىزنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا، سىلەرنى ئەھدىگە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە قورقۇتۇپ، تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا كۆتۈردۇق، سىلەرگە نازىل قىلغان تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرىگە ھورۇنلۇق قىلماستىن جىددى ئەمەل قىلىشقا، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇدۇق، سىلەر شۇنداق قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىسىلەر