×
البقرةئايەت 97

مۇختەسەر تەفسىر

قُلْ مَن كَانَ عَدُوًّا لِّجِبْرِيلَ فَإِنَّهُۥ نَزَّلَهُۥ عَلَىٰ قَلْبِكَ بِإِذْنِ ٱللَّهِ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ ﴿٩٧﴾

ئى پەيغەمبەر! يەھۇدىلاردىن: شەكسىزكى پەرىشتىلەردىن جىبرائىل بىزنىڭ دۈشمىنىمىز دېگەنلەرگە ئېيتقىنكى، كىمكى جىبرائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆئمىنلەرگە ئاللاھ تەييار قىلغان نېئمەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدىغان، ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان، تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاشلا ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىمنى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى، مۇشۇ سۈپەتتىكى پەرىشتىنى دۈشمەن تۇتقانلار ئازغۇنلار جۈملىسىدىندۇر