×
الصافاتئايەت 158

مۇختەسەر تەفسىر

وَجَعَلُوا۟ بَيْنَهُۥ وَبَيْنَ ٱلْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ ٱلْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ ﴿١٥٨﴾

مۇشرىكلار ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيدىغان پەرىشتىلەر ئارىسىدا بىر نەسەب مۇناسىۋىتى بار دېيىشتى. چۈنكى ئۇلار پەرىشىتلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ بىلجىرلاشتى. ھالبۇكى پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ چوقۇم مۇشرىكلارنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن توپلايدىغانلىقىنى بىلەتتى.