×
المائدةئايەت 1

مۇختەسەر تەفسىر

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَوْفُوا۟ بِٱلْعُقُودِ ۚ أُحِلَّتْ لَكُم بَهِيمَةُ ٱلْأَنْعَـٰمِ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّى ٱلصَّيْدِ وَأَنتُمْ حُرُمٌ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ ﴿١﴾

ئى مۆئمىنلەر! سىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ۋە سىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى تەكىتلەنگەن ئەھدىلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىپ، تۆگە، كالا ۋە قويدىن ئىبارەت چارۋىلارنى ھالال قىلىپ بەردى، پەقەت ھاراملىقى بەلگىلەپ بېرىلگەن چارۋىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. شۇنداقلا سىلەر ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلارنى ئوۋلاش ھارام قىلىندى. ھەقىقەتەن ئاللاھ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە مۇۋاپىق ھالەتتە ھالال-ھارام قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوق .شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئىتىراز قىلغۇچىمۇ يوق