×
المائدةئايەت 112

مۇختەسەر تەفسىر

إِذْ قَالَ ٱلْحَوَارِيُّونَ يَـٰعِيسَى ٱبْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَآئِدَةً مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ۖ قَالَ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ ﴿١١٢﴾

ئەينى چاغدىكى ئىشنى ئەسلىگىنكى، ھەۋارىيلار: رەببىڭگە دۇئا قىلساڭ، ئۇ ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ دېدى. ئىيسا بۇنىڭغا قارىتا ئۇلارنى ئاللاھتىن قورقۇشقا ۋە سورىغان ئىشنى تەلەپ قىلىشتىن يېنىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق جاۋاب بەردى. چۈنكى بۇ تىلەك سەۋەبىدىن ئۇلارغا بىر سىناق كەپقېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. ئىيسا ئۇلارغا دېدىكى: ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، رىزىق تىلەشتە پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋەككۈل قىلىڭلار، دېدى.