×
المائدةئايەت 114

مۇختەسەر تەفسىر

قَالَ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ ٱللَّهُمَّ رَبَّنَآ أَنزِلْ عَلَيْنَا مَآئِدَةً مِّنَ ٱلسَّمَآءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِّأَوَّلِنَا وَءَاخِرِنَا وَءَايَةً مِّنكَ ۖ وَٱرْزُقْنَا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ ﴿١١٤﴾

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ تەلىپىگە جاۋابەن ئاللاھقا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىن، بىز ساڭا شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇ كۈننى سېنى ئۇلۇغلايدىغان بايرام قىلىمىز، بۇ داستىخان سېنىڭ يەككە-يېگانىلىكىڭگە ۋە مەن بىلەن ئەۋەتىلگەن دىننىڭ راستلىقىغا پاكىت بوپقالىدۇ. بىزگە ساڭا قۇلچىلىق قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان رىزىقلارنى بەرگىن. ئەي رەببىمىز! سەن رىزىقلاندۇرغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن.