×
المائدةئايەت 13

مۇختەسەر تەفسىر

فَبِمَا نَقْضِهِم مِّيثَـٰقَهُمْ لَعَنَّـٰهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَـٰسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ ٱلْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِۦ ۙ وَنَسُوا۟ حَظًّا مِّمَّا ذُكِّرُوا۟ بِهِۦ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَآئِنَةٍ مِّنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِّنْهُمْ ۖ فَٱعْفُ عَنْهُمْ وَٱصْفَحْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُحْسِنِينَ ﴿١٣﴾

ئۇلارنىڭ ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنى بىزنىڭ رەھمىتىمىزدىن قوغلىدۇق، دىللىرىنى ياخشىلىق يەتمەيدىغان قاتتىق-قوپال بىر يەرگە ئايلاندۇردۇق، ئۇنىڭغا ۋەز-بەسىھەت كار قىلمايدۇ. ئۇلار سۆزنىڭ لەپزىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە مەنالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىدۇ، بۇيرۇلغان نەرسىنىڭ بەزىسىگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋە مۆئمىنلەرگە قىلغان خىيانەتلىرى ھازىرغىچە ئاشكارا بولاۋاتىدۇ، ئۇلاردىن پەقەت ئازغىنە كىشىلەر ئۆزلىرىدىن ئېلىنغان ئەھدىگە ۋاپا قىلىدۇ، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، جازالىمىغىن، كەچۈرۈم قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇ ئېھساندۇر، .ئاللاھ ئېھسان قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ