×
المائدةئايەت 17

مۇختەسەر تەفسىر

لَّقَدْ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْمَسِيحُ ٱبْنُ مَرْيَمَ ۚ قُلْ فَمَن يَمْلِكُ مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا إِنْ أَرَادَ أَن يُهْلِكَ ٱلْمَسِيحَ ٱبْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُۥ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا ۗ وَلِلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ ﴿١٧﴾

ھەقىقەتەن ناسارالاردىن مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھنى ئاللاھ دېگەنلەر كاپىر بولدى، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى بارلىق جانلىقلارنى ھالاك قېلىشنى خالىسا بۇنىڭدىن ئاللاھنى كىم چەكلەپ قويىدۇ؟، ھېچ كىشى ئاللاھنى ئۇنىڭدىن چەكلەشكە قادىر بولالمايدىكەن، بۇ ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە لايىق بەرھەق بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتەن مەريەم ئوغلى ئىسا، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە بارلىق خالالايىقلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر. ئاسمانلار ۋە زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ خالىغاننى پەيدا قىلىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ يارىتىشنى خالىغانلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە .قادىردۇر