مۇختەسەر تەفسىر
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ يَـٰقَوْمِ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَعَلَ فِيكُمْ أَنۢبِيَآءَ وَجَعَلَكُم مُّلُوكًا وَءَاتَىٰكُم مَّا لَمْ يُؤْتِ أَحَدًا مِّنَ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٢٠﴾
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمى بەنى ئىسرائىلغا ئېيتقان بۇ سۆزىنى ئەسلىگىن: ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى دىلىڭلار ۋە تىلىڭلار بىلەن ئەسلەڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن سىلەرنى توغرا يولغا چاقىرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى قىلدى. سىلەر ئىلگىرى قۇل بولۇپ ئېزىلگەندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن سىلەرنى باشقۇرىدىغان پادىشاھلارنى چىقىرىپ، زامانىڭلاردا ھېچ بىر كىشىگە بەرمىگەن نېئمەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلدى.