×
المائدةئايەت 4

مۇختەسەر تەفسىر

يَسْـَٔلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمْ ۖ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَـٰتُ ۙ وَمَا عَلَّمْتُم مِّنَ ٱلْجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُ ۖ فَكُلُوا۟ مِمَّآ أَمْسَكْنَ عَلَيْكُمْ وَٱذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ عَلَيْهِ ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ ﴿٤﴾

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ساھابىلار سەندىن: ئاللاھ يېيىش ئۈچۈن نېمىلەرنى ھالال قىلدى؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ سىلەرگە پاك يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلدى، شۇنىڭدەك تەربىيىلەنگەن ئېت ۋە يىلپىز قاتارلىق مەگەن چېشلىك ئوۋ ھايۋانلىرى ياكى قارچۇغاغا ئوخشاش تۇمشۇقلۇق ئوۋ قۇشلىرى ئوۋلىغان نەرسىلەرنى ئوۋ ئېتى تاسادىپى يەپ سالغان بولسىمۇ بۇنى يېيىش ھالال قىلىندى، يەنى ئاللاھ سىلەرگە تەلىم بەرگەن ئوۋچىلىق ئىلمى ۋە ئەدەپلىرىنى ئۈگەتكەن بولساڭلار ھەتتا ئۇ ھايۋان ياكى قۇش بۇيرىسا بويسۇنىدىغان ۋە چەكلىسە دەرھال يانىدىغان بولسا، ئۇنى ئەۋەتكەن ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئەۋەتكەن بولساڭلار، ئۇلار ئوۋلاپ تۇتۇپ كەلگەن چارۋىلارنى يەڭلار ھەتتا ئۆلتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ مەيلى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن قورقۇڭلار. ئاللاھ قىلغان ئەمەللەرنىڭ ھېسابىنى تىز ئالغۇچىدۇر.