×
الأنعامئايەت 144

مۇختەسەر تەفسىر

وَمِنَ ٱلْإِبِلِ ٱثْنَيْنِ وَمِنَ ٱلْبَقَرِ ٱثْنَيْنِ ۗ قُلْ ءَآلذَّكَرَيْنِ حَرَّمَ أَمِ ٱلْأُنثَيَيْنِ أَمَّا ٱشْتَمَلَتْ عَلَيْهِ أَرْحَامُ ٱلْأُنثَيَيْنِ ۖ أَمْ كُنتُمْ شُهَدَآءَ إِذْ وَصَّىٰكُمُ ٱللَّهُ بِهَـٰذَا ۚ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا لِّيُضِلَّ ٱلنَّاسَ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ ﴿١٤٤﴾

ئاللاھ سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن سەككىز تۈرلۈك چاھارپاينىڭ قېپقالغىنى تۆگىدىن بىر جۈپ، كالىدىن بىر جۈپتۇر. ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ چاھارپايلار ئىچىدىن ئىككى ئەركەكنى ئەركەك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى چىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى بوتىلاق بىلەن موزاي ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام قىلدىمۇ؟ ئەي مۇشرىكلار! بولمىسا سىلەر دەۋا قىلغىنىڭلاردەك ئاللاھ بۇ چاھارپايلار ئىچىدىن سىلەر ھارام دەپ بىلگىنىڭلارنىڭ ھاراملىقىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان يەردە بارمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، ئۇ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنىمۇ ھارام قىلغانلىقنى ئۇنىڭغا نىسبەت بەرگەن كىشىدىنمۇ زالىم ۋە گۇناھكار بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى ئاللاھ تائالا زالىملارنى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلىقلىرى ئۈچۈن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.