مۇختەسەر تەفسىر
قُلْ إِنَّ صَلَاتِى وَنُسُكِى وَمَحْيَاىَ وَمَمَاتِى لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٦٢﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن مېنىڭ نامىزىم، ئاللاھ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلغان قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يېگانە ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇنىڭدا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ قىلچە نېسىۋىسى يوقتۇر.