مۇختەسەر تەفسىر
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلْيَوْمَ ٱلْـَٔاخِرَ ۚ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ ﴿٦﴾
بۇ گۈزەل نەمۇنىنى پەقەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتىدىغان كىشىلەرلا ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. كىمكى بۇ گۈزەل نەمۇنىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن بىھاجەتتۇر. ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىگە مۇھتاج بوپقالمايدۇ. ئاللاھ ھەر قانداق ئەھۋالدا مەدھىيەگە لايىقتۇر.