مۇختەسەر تەفسىر
ذَٰلِكَ فَضْلُ ٱللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ ﴿٤﴾
ئەرەبلەرگە ۋە باشقا خەلقلەرگە پەيغەمبەر ئەۋەتىشتىن ئىبارەت مەزكۇر ئىشلار ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدىغان پەزل - مەرھەمىتىدۇركى، ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىمۇ ئۇنىڭ كاتتا ئىلتىپاتىنىڭ قاتارىدىندۇر.