مۇختەسەر تەفسىر
وَقَالَ مُوسَىٰ يَـٰفِرْعَوْنُ إِنِّى رَسُولٌ مِّن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٠٤﴾
ئاللاھ مۇسانى پىرئەۋننىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن چاغدا ئۇ پىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى زات تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇرمەن، دېدى.