مۇھەممەد سالىھ — 1

1:1 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن(1).

1:2 جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر(2).

1:3 ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر(3).

1:4 قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر(4).

1:5 (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز(5).

1:6 بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن(6).

1:7 غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)(7).