مۇھەممەد سالىھ — 101

4:141 ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدىقمۇ؟» دەيدۇ. اﷲ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ (141).

4:142 ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ(142)

4:143 مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس). كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن (يەنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا كىرىۋالغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇقىدا تاشلىۋەتكەن بولسا)، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن(143).

4:144 ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟(144).

4:145 مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن(145).

4:146 پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ(146).

4:147 ئەگەر (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر(147).