مۇھەممەد سالىھ — 118

5:58 سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر(58).

5:59 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار جامائەسى) پەقەت بىزنىڭ ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، بۇنىڭدىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزنى ئەيىبلەمسىلەر؟»(59)

5:60 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر»(60).

5:61 (يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ(61).

5:62 ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!(62)

5:63 ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!(63)

5:64 يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ(64).