مۇھەممەد سالىھ — 120
5:71 ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن (ئۇلار تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن) كور بولدى، يەنە (پەند ـ نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(71).
5:72 شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىيسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى(72).
5:73 ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ(73).
5:74 ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(74).
5:75 مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن(75).
5:76 (ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(76).
5:77 (ئى مۇھەممەد!) »ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن(77).