مۇھەممەد سالىھ — 151

7:1 ئەلىف، لام، مىم، ساد(1).

7:2 (ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن(2).

7:3 (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر(3).

7:4 بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى(4).

7:5 بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى(5).

7:6 بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز(6).

7:7 (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز)(7).

7:8 بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر(8).

7:9 ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر(9).

7:10 شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر(10).

7:11 شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى(11).