مۇھەممەد سالىھ — 156

7:44 ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن(44).

7:45 زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى يولدا بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ(45).

7:46 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ. ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر(46).

7:47 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن›› دەيدۇ(47).

7:48 ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇۋالىدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟›› دەپ توۋلايدۇ(48).

7:49 (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) «سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) قورقۇنچ يوقتۇر، سىلەر غەم-ئەندىشە قىلمايسىلەر دېيىلدى دەيدۇ»(49).

7:50 ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ(50).

7:51 كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز)(51).