مۇھەممەد سالىھ — 169
7:150 مۇسا غەزەپلەنگەن، ئېچىنغان ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»(150).
7:151 مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»(151).
7:152 شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھقا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز(152).
7:153 يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ(153).
7:154 مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى(154).
7:155 مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن(155).