مۇھەممەد سالىھ — 20

2:127 ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن(127).

2:128 پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن(128).

2:129 پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن...) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى(129).

2:130 ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ(130).

2:131 ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى(131).

2:132 ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى(132).

2:133 يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى(133).

2:134 ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس(134).