مۇھەممەد سالىھ — 220

10:98 (ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن) بەھرىمەن قىلدۇق(98).

10:99 ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟(99).

10:100 ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ(100).

10:101 ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ(101).

10:102 ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ (يەنى ئازابنىڭ) (ئۆزلىرىگە كېلىشىنى) كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن (سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى) كۈتكۈچىمەن»(102).

10:103 ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز(103).

10:104 (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»(104).

10:105 يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن(105).

10:106 ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم (ئۆزۈڭگە) زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن(106).