مۇھەممەد سالىھ — 242

12:53 «مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»(53).

12:54 پادىشاھ: «يۇسۇفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۇسۇف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى(54).

12:55 يۇسۇف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى(55).

12:56 بىز يۇسۇفنى (مىسىر) زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، خالىغان بەندىلىرىمىزنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز(56).

12:57 ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر(57).

12:58 يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۇسۇفنىڭ قېشىغا كىردى. يۇسۇف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۇسۇفنى تونۇمىدى(58).

12:59 يۇسۇف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟(59).

12:60 ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار»(60).

12:61 ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى(61).

12:62 يۇسۇف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (بىزدىن ئاشلىق سېتىۋالغان) مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى(62).

12:63 ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ خەزىنىدارى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى(63).