مۇھەممەد سالىھ — 253

13:29 ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ(29).

13:30 (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن»(30).

13:31 مۇبادا بىر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىنىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ(31).

13:32 سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟(32).

13:33 ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: « بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ(33).

13:34 ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ(34).