مۇھەممەد سالىھ — 268

16:7 ئۇلار يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر(7).

16:8 ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ(8).

16:9 توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى(9).

16:10 ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئارقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر(10).

16:11 ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار(11).

16:12 ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار(12).

16:13 ئاللاھ يەنە يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى (سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى)، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار(13).

16:14 ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گۆشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ( ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرۇشى بىلەن يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە يۈك ـ تاقلار قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسەن(14).