مۇھەممەد سالىھ — 285

17:28 ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن(28).

17:29 قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇۋەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن(29).

17:30 شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى، مەنپەئىتىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(30).

17:31 كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر(31).

17:32 زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر(32).

17:33 ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، ئاللاھ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلدى، كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش، يا كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق، ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن (قاتىلدىن غەيرىنى ئۆلتۈرۈش، يا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىسۇن)، (ناھەق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) ئىگىسىگە ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر(33).

17:34 يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر(34).

17:35 سىلەر (باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار. بۇنداق قىلىش (سىلەرگە دۇنيادا) ياخشىدۇر، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبداندۇر(35).

17:36 بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ(36).

17:37 سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن(37).

17:38 يۇقىرىقى (ئىش) لارنىڭ ھەممىسى قەبىھ بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياماندۇر(38).