مۇھەممەد سالىھ — 291

17:87 پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى(87).

17:88 ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر- بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ»(88).

17:89 بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىساللارنى خىلمۇ خىل شەكىلدە بايان قىلدۇق، (روشەن پاكىتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي) ئىنسانلارنىڭ تولىسى پەقەت (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ(89).

17:90 ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز(90).

17:91 ياكى سېنىڭ خورمىلىق، تاللىق ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولسۇن(91).

17:92 ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن، ياكى (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن(92).

17:93 ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن (شوتا بىلەن) ئاسمانغا چىققىن، تاكى (ئاللاھ تەرىپىدىن سېنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلىكى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن (ئاللاھنىڭ ئىزنى بولمىسا ھېچ ئادەم بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ)»(93).

17:94 ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر بىلەن قۇرئان) كەلگەن چاغدا ئىمان ئېيتماسلىقلىرى «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر(94).

17:95 (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا زېمىندا (يەنى زېمىن ئەھلىدەك) مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»(95).

17:96 (ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»(96).