مۇھەممەد سالىھ — 292

17:97 كىمكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئىكەن، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ئاللاھتىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كور، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز(97).

17:98 ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە «چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستلا قايتىدىن تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەنە شۇدۇر(98).

17:99 ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن) شەك ـ شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، زالىملار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ(99).

17:100 «ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، چىقىمدىن (يەنى تۈگەپ كېتىشىدىن) قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن(100).

17:101 بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سورىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى(101).

17:102 مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن (گەرچە تىلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە) ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى(102).

17:103 پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى ـ ھەممىسىنى (دېڭىز) غا غەرق قىلىۋەتتۇق(103).

17:104 پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن مەھشەرگاھقا) (كاپىرلار بىلەن مۆمىنلەرنى) ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق(104).