مۇھەممەد سالىھ — 298
18:35 ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن(35).
18:36 شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن»(36).
18:37 ئۇنىڭغا (مۆمىن) بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟(37)
18:38 لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۇ ئاللاھنى (ئېتىراپ قىلىمەن)، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن(38).
18:39 سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ(39)،
18:40 ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلغاي. بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغاي(40)،
18:41 ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ ئۇنى ئىزدەش (يەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىگەي»(41).
18:42 ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، ئۈزۈم بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى(42).
18:43 ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭدىن بۇ بالانى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى(43).
18:44 بۇ يەردە (يەنى مۇنداق ھالەتتە) مەدەتكار بولۇش پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ (ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، (ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ) ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر(44).
18:45 (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ ـ تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(45).