مۇھەممەد سالىھ — 304

18:98 زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»(98).

18:99 ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يېغىمىز(99).

18:100 ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز(100).

18:101 ئۇلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا دىللىرىنىڭ) كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىنى زۇلمەت باسقانلىقى ئۈچۈن كالامۇللاھنى) ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى(101).

18:102 كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز جەھەننەمنى كاپىرلارغا ھەقىقەتەن مەنزىلگاھ قىلىپ تەييارلىدۇق(102).

18:103 سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟(103)

18:104 ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر(104).

18:105 ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى (يەنى مۇنداق كىشىلەرنى) قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز(105).

18:106 كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر(106).

18:107 شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ(107).

18:108 ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ(108).

18:109 ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولۇپ كەتسە، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز (سۈيىنى) كەلتۈرسەكمۇ»(109).

18:110 (ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»(110).