مۇھەممەد سالىھ — 32

2:203 ساناقلىق كۈنلەردە (تەشرىق كۈنلىرى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 1 – 2 – 3 كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر(203).

2:204 (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (دىلى باشقا، تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ)(204).

2:205 ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ(205).

2:206 ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر(206).

2:207 بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر(207).

2:208 ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر(208).

2:209 سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) ئاللاھ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(209).

2:210 ئۇلار (يەنى ئىسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) ئاللاھنىڭ بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە ئىشىنىڭ پۈتۈشىنىلا كۈتەمدۇ؟ ۋەھالەنكى ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ(210).