مۇھەممەد سالىھ — 336

22:31 ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ(31).

22:32 ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر(32).

22:33 مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتقىچە قۇربانلىق ماللىرىدىن (سېغىپ، نەسىللەندۈرۈپ، مىنىپ) پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر)(33).

22:34 ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن(34).

22:35 ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ(35).

22:36 (كەبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ (دىننىڭ) ئالامەتلىرىدىن (يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ (يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق(36).

22:37 ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا (ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن(37).

22:38 ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ(38).