مۇھەممەد سالىھ — 338

22:47 (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى ـ سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر(47).

22:48 نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم (ئۇلار بۇ مۆھلەتكە مەغرۇر بولۇپ كەتتى)، ئاندىن (يەنى ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت مۆھلەت بەرگىنىمدىن كېيىن) ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (يەنى ئاخىر ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ)(48).

22:49 (ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»(49).

22:50 ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ(50).

22:51 بىزنى ئاجىز بىلىپ ئايەتلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقۇچىلار ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر(51).

22:52 بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈپ قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا)، شەيتان ھامان ئۇنىڭ ئۈمىدىگە (شۈبھە) سالىدۇ. ئاللاھ شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(52).

22:53 (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا كېسەل بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى (يەنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە دىلى ئېرىمەسلەرنى) شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. زالىملار (يەنى يۇقىرىدىكى مۇناپىقلار، مۇشرىكلار) ھەقىقەتەن (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر(53).

22:54 (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى، دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بوي سۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر(54).

22:55 كاپىرلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگۈچە ياكى ئۇلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى يەتكۈچە قۇرئاندىن ھامان شەكلىنىدۇ(55).