مۇھەممەد سالىھ — 351

24:11 شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامان دەپ گۇمان قىلماڭلار، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(11).

24:12 بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر بىر-بىرىگە ياخشى گۇماندا بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟(12)

24:13 ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ(13).

24:14 سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، بوھتان چاپلىغىنىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار(14).

24:15 ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر(15).

24:16 ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار(16).

24:17 ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار(17).

24:18 ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە گۈزەل ئەدەب ـ ئەخلاقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، (تەدبىر قوللىنىشتا ۋە شەرىئىتىنى بەرپا قىلىشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(18).

24:19 مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر(19).

24:20 ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى (سىلەرنى قاتتىق جازالايتتى)، ئاللاھ شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(20).