مۇھەممەد سالىھ — 354
24:32 ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر(32).
24:33 ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار (يەنى خوجىسىغا مۇئەييەن پۇل ـ مال تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تىلەيدىغانلار) بىلەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار، توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان مال ـ مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى (ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىشقا ياردەم تەرىقىسىدە) ئۇلارغا بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا)رەھىم قىلغۇچىدۇر(يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ)(33).
24:34 (ئى مۆمىنلەر!) بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتلەرنى شەك – شۈبھىسىز نازىل قىلدۇق(34).
24:35 ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس (سەھرادا ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ، كۈن بويى ئۇنىڭغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىسى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ)، يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر(35).
24:36 ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ(36).