مۇھەممەد سالىھ — 360

25:3 مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ(3).

25:4 كاپىرلار: «بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم (يەنى ئەھلى كىتاب) ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بوھتان چاپلاش بىلەن ئۇنىڭغا) زۇلۇم قىلدى ۋە يالغاننى چاپلىدى(4).

25:5 ئۇلار ئېيتتى: «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇركى، ئۇلارنى ئۇ يازدۇرۇۋالغان، (ھىفزى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن) ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ»(5).

25:6 ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»(6).

25:7 مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىپ) ئېيتتى: «بازارلاردا (بىز تاماق يېگەندەك) تاماق يەيدىغان، (بىز ماڭغاندەك) مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى(7).

25:8 يا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە بېرىلمىدى، يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىر باغ بېرىلمىدى؟» زالىملار (يەنى كاپىرلار): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى(8).

25:9 مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار ئازدى، توغرا يول تاپالمايدۇ(9).

25:10 ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى(10).

25:11 ياق، ئۇلار قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق(11).